⏰ 1. ۋاقىت چېكىگە دىققەت قىلىڭ
ھەر كۈنى ئەڭ كېچىككەندە كەچ سائەت 22:00 گىچە (تورونتو ۋاقتى) ئەۋەتىپ بولۇش شەرت. كەچ سائەت 22:00 دىن كېيىن كەلگەن ئۇچۇرلار كۈندىلىك دوكلاتقا قوشۇلمايدۇ.
✍️ 2. توغرا ئەۋەتىش شەكلى
بالىنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە ئوقۇغان پەنلىرىنى ئېنىق يېزىش كېرەك:
مەسىلەن (قۇر ئايرىپ يېزىش):
ئىمران
ئۇيغۇرچە
قۇرئان
ياكى بىر قۇردا: «ئىمران: ئۇيغۇرچە، قۇرئان، تۈركچە»
⚠️ 3. كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار
- «مەن كىتاپ ئوقۇدۇم» دەپ يېزىش (بالىنىڭ ئىسمى كەم بولۇپ قالىدۇ).
- پەقەت پەن نامىنىلا ئەۋەتىپ بالىنىڭ ئىسمىنى يازماسلىق ياكى ئەكسىچە.