✍️ 1. ئۆلچەملىك شەكىل (تەرتىپى: ئىسىم، پەن. چېسلا)
ھەمىشە ئالدىدا بالىنىڭ تولۇق ئىسمى، پەش/چېكىت بىلەن ئايرىپ ئوقۇغان پەنلىرى، ئاخىرىدا چېسلا يېزىلىدۇ:
بىر پەن: ئەلى ئەخمەت، ئۇيغۇرچە. 11/21
كۆپ پەن: ئەلى ئەخمەت، ئۇيغۇرچە، قۇرئان، ئىنگلىزچە. 11/21
🎙️ 2. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل (تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش)
بالىڭىزنىڭ بارلىق پەن ئاۋازلىرىنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە پەننى بىرلەشتۈرۈپ بىرلا يېزىقچە ئۇچۇر يوللاڭ. بالىنىڭ ئىسمىنى ھەر كۈنى ئوخشاش ئىملادا يېزىڭ ۋە كەچ 22:00 دىن بۇرۇن ئەۋەتىڭ.
❌ 3. قوبۇل قىلىنمايدىغان خاتا شەكىللەر
24 مىنۇت ئىنگلىزچە ئوقۇدۇم (بالا ئىسمى يوق، مىنۇت يېزىلغان).
ئەلى ئەخمەت 11/21 (پەن نامى يوق).
ئەلى: سۇرە كەھەف / 100 مەشھۇر ئۇيغۇر (پەن نامى ئورنىغا كىتاب/سۈرە نامى يېزىلغان — چوقۇم «قۇرئان»، «ئۇيغۇرچە» دەپ يېزىڭ!).
مەن كىتاپ ئوقۇدۇم ياكى ئوخشاش پەننى ئايرىم ئۇچۇردا ئىككى قېتىم يوللاش.